گىرۇزىيەدە كان پارتلاپ 4 كان ئىشچىسى جېنىدىن ئايرىلدى
گىروزىيەنىڭ تىكىبۇلى شەھىرىدىكى كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن پاتقاق گازى پارتلاش ۋەقەسىدە 4 ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1013140
![گىرۇزىيەدە كان پارتلاپ 4 كان ئىشچىسى جېنىدىن ئايرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4ca6/8c30/7546/5a434033e94c7.jpg?time=1718922357)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۈگۈن (16-ئىيۇل) ئەتىگەندە مىندېلى كۆمۈر كانىدا پاتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، كانغا قاپسېلىپ قالغان 4 نەپەر ئىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 6 نەپەر ئىشچىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.