رۇمىنىيە ناتو نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ

رۇمىنىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

1012374
رۇمىنىيە ناتو نىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمىنىيە پىرېزىدېنتى كلاۋس جوھاننىس بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا،  دۆلىتىنىڭ رۇمىنىيەدە ناتو نىڭ 3 يۇلتۇزلۇق قوماندانلىق مەركىزىنى قۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇمىنىيەدە قۇرۇلىدىغان قوماندانلىق مەركىزىدە تەخمىنەن 400 ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناتو رۇمىنىيەدىكى كۆپ دۆلەتلىك قىسىم تۇرۇشلۇق بازىنى دائىمىي بازىغا ئايلاندۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر