ئىراندا پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسدىكى تۇقۇنۇشتا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

سۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەدە ساقچىلارنىڭمۇ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

1011638
ئىراندا پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسدىكى تۇقۇنۇشتا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ فارس ئۆلكىسىنىڭ كازەرۇن شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردا سۇ مەسلىسى تۈپەيلى يېزا پۇقرالىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

كازەرۇن ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇھەممەد ئىبادىنىجاد ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» بايانات بېرىپ، كارەزۇن شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا شاپۇر دەرياسىدىن خالغانچە سۇ تارتقان يېزا پۇقرالىرى ۋە ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 1 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

دەريادىن قانۇنسىز سۇ تارتقانلارنى توسۇشنى خالىغان ساقچىلارغا يېزا خەلقىنىڭ تاش ئېتىپ تاقابىل تۇرماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان مۇھەممەد ئىبادىنىجاد، ۋەقەدە بەزى ساقچىلارنىڭمۇ يارىدار بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇشەھەر ئۆلكىسىگە قاراشلىق دەشتىستان پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد بەكىر سائادەت ئىران پارلامېنتىدا شەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، شاپۇر دەرياسىدىن خالىغانچە سۇ تارتىلىشى سەۋەبىدىن دەشتىستانغا يېتەرلىك دەرىجىگە سۇ كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئەھۋاللارغا فارس ۋالىيسىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇنىڭىغا قارىتا فارس پارلامېنت ئەزالىرى، 10 يىلدىن بۇيان رايوندا قۇرغاقچىلىق بۇلۇۋاتقانلىقىنى، دەشتىستاندىكى سۇ قېيىنچىلىقىنىڭمۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.     

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر