ناتو باشلىقلار يىغىنى نۇرغۇن يېڭىلىقلارغا سەھنە بولىدۇ

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بۈگۈن باشلىنىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى نۇرغۇن يېڭىلىقلارغا سەھنە بولىدۇ.

1010028
ناتو باشلىقلار يىغىنى نۇرغۇن يېڭىلىقلارغا سەھنە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەتىمۇ داۋاملىشىدىغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى» تۇنجى قېتىم ناتو نىڭ يېڭى قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىن تۈركىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى بىلەن باشلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت تەشكىل قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغاننىڭ كابېنتىدىن بەزى شەخسلەرمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىدۇ.

سابىق باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار كاېبنتنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى» سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق بىر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدۇ، بەرات ئالبايراقمۇ «خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى» سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم  ناتويىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغان يىغىن دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە ياردەم بېرىشى ۋە تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئانتونىئو تاجانى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر