ستولتېنبېرگ: تۈركىيە S-400 مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەنگەن S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1009689
ستولتېنبېرگ: تۈركىيە S-400 مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدە ئىشلەنگەن S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىتتىپاق ئەزالىرى قايسى قوراللارنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. ناتوغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، ئىتتىپاقداشلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان قوراللارنىڭ بىر – بىرىگە ماس بولۇشىدۇر... چۈنكى بۇ، ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا ناتوغا نىسبەتەن ھالقىلىق بىر مەسىلە» دېدى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىتتىپاقداشلار، ناتوغا ئەزا باشقا دۆلەتلەردىن قورال سېتىۋالىدۇ. چۈنكى بۇ، ئىتتىپاقنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتىكى ماسلىشىشچانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مەھسۇلى بولغان خەۋپسىزلىكىمىزنى كۈچەيتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېنس ستولتېنبېرگنىڭ رۇسىيە مەتبۇئاتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى 11-، 12 – ئىيۇلدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرىلا ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ: #ناتو , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر