فىنلاندىيە ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا

فىنلاندىيە، پايتەخت ھېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى چېگرادىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.

1009450
فىنلاندىيە ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە، پايتەخت ھېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، 4 كۈن بويىچە شەنگەن (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) گە ئەزا دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى چېگرادىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فىنلاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى كىممو ئېلومائا، باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى «بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چېگرالاردىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇۋاپىق، دەپ قارالغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

كىممو ئېلومائا، بۇنداق قىلىشتىكى مۇددىئانىڭ يىغىن جەريانىدا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي تەرتىپ – ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىمالى بار كىشىلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

فىنلاندىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ رەسمىي قارارنى جۈمە كۈنى چىقىرىشى كۈتۈلمەكتە.

ترامپ بىلەن پۇتىن 16 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ھېلسىنكىدا مەخسۇس ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن، مۇھىت ئاسراش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ياقلىغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل گۇرۇپپىلارنىڭ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

شەنگەن كېلىشىمى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 26 دۆلەت ئىچىدە كىملىك تەكشۈرۈلمەستىن ئەركىن – ئازادە ساياھەت قىلىشقا يول قويىدۇ. كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەتلەر زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە چېگرادا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى  يولغا قويسا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر