ياپونىيەنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كەلدى

ياپونىيەنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا كەلكۈن ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىلىرى مەيدانغا كېلىپ 60تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

1008125
ياپونىيەنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 60تىن ئېشىپ كەتتى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىخدې سۇگا، بۇ قېتىمقى كەلكۈن ھادىسىسىدە 92 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە 54 مىڭ كىشىلىك ئاممىۋى قۇتقۇزۇش،ساھىل بىخەتەرلىك، ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىمۇ بۈگۈن ئېخىمە ۋە كوچى رايونلىرىدا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئالاقىدار ئورۇنلارنى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

كەلكۈن ۋە تاغ غۇلاپ چۈشۈش ھادىسىلىرى مەيدانغا كەلگەن رايونلاردا ياشاۋاتقان 4 مىليون 700 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر