ئەسەد كۈچلىرى ئونلارچە پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دەرئا رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى جەريانىدا 46 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1001811
ئەسەد كۈچلىرى ئونلارچە پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى، دەرئا رايونىنىڭ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلىرىنى توپقا تۇتماقتا.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئۆيى، بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ ئارىسىدا بىر پاناھلىنىش ئورنىنىڭمۇ بارلىقىنى؛ مەزكۇر ئورۇندا بالىلار قوشۇلۇپ 17 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئېغىر بومباردىمان دوختۇرخانىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزدى؛ 3 دوختۇرخانا خىزمەت قىلالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومباردىمانلار تۈپەيلى 45 مىڭ بىلەن 50 مىڭ ئارىسىدا ئادەم ئىيوردانىيە بىلەن ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى گولان تۆپلىكىگە قاراپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋانغا كەتكەن سۈرىيەلىكلەر گۇرۇپپىلار بويىچە دۆلەتلىرىگە قايتىشقا تەييارلانماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە قايتىش ئۈچۈن 3 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىك ئىلتىماس سۇنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر