رۇھانى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھۆكۈمەتنى ئىستېپاغا چاقىرغان تەلەپلەرنى رەت قىلدى.

1001478
رۇھانى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى رۇھانى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئۈستىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان تەنقىدلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ خەلقنىڭ تارتىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: "ئىتتىپاق بولساق ۋە يىراقنى كۆرۈپ ھەرىكەت قىلساق بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز" دېدى.

ئۇ ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان ئىستېپا چاقىرىقلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ سايلامدا 24 مىليون ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭ 81 مىليون نوپۇسنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەگەر بەزىلەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن قورقۇپ، بىر بۇلۇڭغا چېكىنىدىغانلىقىنى ئويلسا، خاتا ئويلىغان بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئىستېپا بەرمەيدۇ."

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ئىقتىسادىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

"دۇنياغا، قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۆكېرەك كېرىپ چىقىدىغانلىقىمىزنى ۋە مۇستەقىللىقىمىز، ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشقا يول قويمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشىمىز كېرەك. ھەر قانداق ۋەتەنپەرۋەر يالغانچى ئامېرىكالىقلارغا بويۇن ئەگمەيدۇ."

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىنىڭ ئىرانغا قارشى بولغان سۈيىقەست ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: "ئامېرىكا، سىيونىستلار ۋە باشقا ئەسكىلىك قىلماقچى بولغانلار ترامپ كېلىشىمدىن چېكىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىزنىڭمۇ چېكىنىشىمىزنى كۈتتى، بىراق بىز بۇ سۈيىقەستنى يوققا چىقاردۇق" دېدى.

ئۇ ئامېرىكاغا قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي تالاش-تارتىشلارنىڭ كۈرەشكە زىيان سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: "ئامېرىكاغا تەسلىم بولمايمىز. خەلقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئامېرىكانى تىزلاندۇرىمىز" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر