«ئىران بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكىنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا زەربە بېرىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1000038
«ئىران بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان ئەدلىيە كۈچى يىغىنىدا سۆز قىلغان رۇھانى، ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ ئىران ئىقتىسادىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇھانى: دۈشمەن ئىران ئىقتىسادىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى، ئامېرىكا ئىران ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە، دېدى.

ئىراننىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 6 مىليون ئىرانلىقنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى، چەت ئەلدىكى ئىرانلىقلارنى «ئىرانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا»چاقىردى.

رۇھانى داۋملىق قىممىتى ئۆرلەپ بېرىۋاتقان تاشقى پىرۇۋۇت توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېتەرلىك مىقداردا تاشقى پىرۇۋۇتىمىز بار، خەلقنىڭ ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.»

ئىراندا تاشقى پىرۇۋۇت تەمىنلەش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق يوقلىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى، 50، 60 تەك كىشىنىڭ تاشقى پىرۇۋۇت ساھەسىدە مەسىلە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر