ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان «قىرىم» ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، قىرىمنى قانۇنسىز شەكىلدە ئۆزىگە قوشۇۋالغان تۈپەيلى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان چەكلىگۈچى سىياسەتلىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتتى.

994583
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان «قىرىم» ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، قىرىم ۋە سىۋاستاپولنى قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆزىگە قوشۇۋالغان رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى 2019 – يىلى 23 – ئىيۇنغىچە ئۇزارتتى. مەزكۇر ئېمبارگولار، قىرىم ۋە سىۋاستاپولدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىشى ۋە بۇ رايونلارغا مەبلەغ سېلىنىشىنى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى مەھسۇلات ۋە پەن – تېخنىكا ئەشيالىرىنىڭ قىرىم شىركەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قىرىم ۋە سىۋاستاپولغا قىلىنىدىغان ساياھلەرمۇ چەكلىنىدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنى قانۇنسىز، دەپ قارايدىغانلىقىنى، خەلقئارا قانۇن دەپسەندە قىلىنغان بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر