ترامپ بىلەن مۇن ئەتىكى يىغىن توغرىسىدا مەخسۇس كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن ئەتىكى يىغىن توغرىسىدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

990288
ترامپ بىلەن مۇن ئەتىكى يىغىن توغرىسىدا مەخسۇس كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ بىلەن مۇن جائىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە، قايسى تېمىلارنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ يونھاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىككى رەھبەرنىڭ «كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەتىكى ئۇچرىشىشتا قايسى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىملىقى» مەسىلىسىدە كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئەتە (12-ئىيۇن) سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ.

يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىش ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان كۆرۈشۈشنىڭ 1950-يىلدىن 1953-يىلىغىچە داۋاملاشقان كورېيە ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى رەسمىيلەشتۈرۈش يولىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر