گېرمانىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى

گېرمانىيەنىڭ كۆپ ساندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى باغرىغا باسقان پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

989281
گېرمانىيە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Der Spiegel › ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فېۋرال ئېيىدا مەخپىي بىر دوكللات تەييارلىغان بولۇپ، دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەنبەلىرى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئورگانلىرىغا مەخپىي ئورۇنلىشىۋالغانلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ژۇرنالنىڭ خەۋىرىدە، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسى تەشكىللىك جىنايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى  تۈركىيە مەنبەلىرىنىڭ ئانالىزلىرىغا بارغانسېرى جىددىي قارىماقتا، ھەمدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا قارىتا تېخىمۇ گۇمان بىلەن قارىماقتا» دېيىلگەن.

ژۇرنالنىڭ خەۋىرىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن ئايرىلغان ئىككى كىشىنىڭ قانداق پالاكەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر