مالايشىيا باش مىنىستىرىغا تەھدىت سالغان كىشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەدنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان بىر كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

986326
مالايشىيا باش مىنىستىرىغا تەھدىت سالغان كىشىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ساقچى مۇدىرى مۇھەممەد فۇزى ھارۇن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق باش مىنىستىر ماھاتىرغا ئۆلۈم تەھدىتى سالغان كىشىنىڭ بىر ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگاننىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. بىز قولغا چۈشۈرگەن كىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. تەكشۈرۈشلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

گۇماندارنىڭ فەيسبۇك ئادرېسى «ساڭا (ماھاتىر مۇھەممەدكە) ئوق چىقىرىشقا ۋە ئۇرۇش ئېچىشقا تەييارمىز» دەپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر