ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە ھەيئەتلىرى 5-قېتىم كۆرۈشتى
ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە ھەيئەتلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت تەييارلاش ئۈچۈن 5-قېتىم كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى 5-قېتىم كۆرۈشتى.
يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۇڭ كىم باشچىلىدىكى ھەيئەتنىڭ، شىمالىي كورېيەدىكى قورال-ياراقتىن خالىي پانمۇنجوم يېزىسىدا شىمالىي كوريېەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چوڭ سون خۇي باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەيئەتلەر ئىلگىرىمۇ 27-ماي كۈنى، ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئۇچراشقانىدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن بۇ توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىنمىدى، بىراق مۇزاكىرىلەردە شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن تولۇق تازىلاش ۋە 1950-يىلدىن 1953-يىلغىچە داۋاملاشقان كورېيە ئۇرۇشىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېڭەش قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 1-ئىيۇندا شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدار كىم يوڭچول بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن 12-ئىيۇندا سىنگاپۇردا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.