ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

ھىندسىتان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

984918
ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرشقا ئىجابىي قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

«ھىندسىتان ۋاقىت» (Hindustan Times)گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەپتە ئاخىرى سىنگاپۇردا چاقىرىلغان 17-نۆۋەتلىك ئاسىيا بىخەتەرلىك ئالىي باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشكەن ھىندسىتان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىشكەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى-پېنتاگون باياناتچىسى جېف دېيۋىس مۇنداق دېدى: «ماتتىس بىلەن مودى ھىندىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىدىن سىرت ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە پىرىنسىپلارنى ئىجرا قىلىش، شۇنداقلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ئەركىنلىك ۋە مۇقىم بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئوينايدىغان روللىرى ئۈستىدە توختالدى.»

دېيۋىس ئامېرىكا-ھىندسىتان ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئىجابىي قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىككى رەھبەرنىڭ رايوننىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىقنى ساقلاش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر