پۇتىن: ترامپ بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى ئامېرىكىدىكى سىياسىي رىقابەتتۇر

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئايرىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنىڭ ئامېرىكىدىكى سىياسىي جېدەللەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

985522
پۇتىن: ترامپ بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى ئامېرىكىدىكى سىياسىي رىقابەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، ئاۋسترىيە ORF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، تولۇق شەكلى بۈگۈن كەچتە تارقىتىلىدىغان سۆھبەتنىڭ بىر قىسمىدا، «ترامپ بىلەن ئايرىم يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇزۇن داۋاملاشتى؟» دېگەن سوئالغا، «بۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى كەسپىداشلىرىمىزدىن سورىشىڭىز كېرەك. مېنىڭچە بولغاندا بۇ، ئامېرىكىدىكى ئېغىر سىياسىي رىقابەتنىڭ مەھسۇلى» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن مارت ئېيىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

بىراق، ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بىر سابىق جاسۇسنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەنگلىيەدە زەھەرلىنىشىدىن كېيىن، نازۇك ھالەتتە كېتىۋاتقان مۇناسىۋەتلەردىكى سۈركىلىش قايتىدىن ئۇلغىيىپ كەتكەنىدى.

ئامېرىكا، سابىق جاسۇسنىڭ زەھەرلىنىشىگە ئالاقىدار پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپلا رۇسىيەنى جاۋابكار، دەپ قارىغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر