فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ب د ت ۋەكىلىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، ب د ت كۆزەتكۈچىسىگە «جەھەننەمگىچە يولى بار» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

985375
فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ب د ت ۋەكىلىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئاسىيا خەۋەرلىرى قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇتېرتې، ب د ت كۆزەتكۈچىسى دىئېگو گارسىيانىڭ فىلىپپىندە ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھېچكىمنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ھالدا، «گارسىيانىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايمەن. بىرىلىرى ئۇنىڭغا ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماسلىقىنى دەپ قويسۇن. جەھەننەمگىچە يولى بار» دېگەن.

گارسىيا ئالدىنقى كۈنى دۇتېرتېنىڭ بەرگەن باياناتلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئەدلىيە مەنسۇپلىرىنى تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر