«شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىز ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

983526
«شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىز ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو شىمالىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ توغرا يۆنۈلۈشتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پومپيو كىم يوڭچول ئىسىملىك بىر شىمالىي كورېيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈپ- كۆرۈشمەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپيو شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدار بىلەن نىيۇ يوركتا 90 مىنۇت كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ يىغىندا مۇنداق دېدى: «بۇ سۆھبەتلەردىن كېيىن مۇزاكىرەلەرنىڭ توغرا يۆنۈلۈشتە ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

شىمالىي  كورېيەلىك ئەمەلدارنىڭ كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇبىنى دونالد ترامپقا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ۋاشىنگىتونغا بېرىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پومپيو، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان پومپيو: مۇزاكىرىلەردە ئامېرىكىنىڭ مەقسىتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىن يادرو قوراللىرىنى تولۇق تازىلاش ئىكەنلىكىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدىم، دېدى.

كىم جوڭئۇن يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، شىمالىي كورېيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پومپيو، ھاياتتا بىرلا قېتىم قولغا كېلىدىغان بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق لازىملىقىنى ۋە ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشنىڭ تارىخىي سەھىپىلەرگە يېزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر