پومپېئو بىلەن لاۋروۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

983208
پومپېئو بىلەن لاۋروۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت،  بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، پومپېئونىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان لاۋروۋ بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، مىنىستىر پومپېئو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەندىشىلىك مەسىلىلەردە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر