ماراكەش پەلەستىنگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

ماراكەش پەلەستىنگە ئاشلىق ۋە دورا بولۇپ نۇرغۇن ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

982071
ماراكەش پەلەستىنگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش پەلەستىنگە ئاشلىق، دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

ماراكەش پادىشاھى 6-مۇھەممەدنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۈنۈگۈن كازابلانكا 5-مۇھەممەد ئايرودۇرۇمىدا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى.

ياردەم بۇيۇملىرى ئىچىدە غەززەدە قۇرۇلۇشى پىلانلانغان كۆچمە دوختۇرخانىغا  25 توننا دورا ۋە مىدېتسىنا بۇيۇملىرىمۇ بار.

ئوپراتسىيە قىلغىلىمۇ بولىدىغان دوختۇرخانىدا 13 دوختۇر 21 سېستىرا بولۇپ جەمئىي 97 سەھىيە خادىم ئىشلەيدۇ.

ياردەم بۇيۇملىرى 5-مۇھەممەد ياردەملىشىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر