جەنۇبىي كورېيە دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە پىكىر بىلدۈردى
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ: «شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىشقا ھازىمۇ دەرۋازىمىز ئوچۇق» دېگەن سۆزىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
979474
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىقى باياناتچىسى كىم ئۇيكىيوم ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشنىڭ ھازىرمۇ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن تولىمۇ خوشاللانغانلىقىنى ئېيتتى.
كىم ئۇيكىيوم: «ئىلگىرىلەشلەرنى ئىنتايىن دىققەت بىلەن تەقىپ قىلماقتىمىز» دېدى.
دونالد ترامپ ئىككى كۈن ئىلگىرى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا بىر مەكتۇپ يوللاپ، ئاخىرىقى قېتىمقى باياناتلىرىدىكى ئاچچىق ۋە دۈشمەنلىك سەۋەبىدىن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا قېتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.