دۇنيادا ھەر يىلى 5 مىليون 400 مىڭ كىشىنى يىلان چىقىۋالىدۇ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيادا ھەر يىلى 5 مىليون 400 مىڭ كىشىنى يىلان چىقىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
979395
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن يىلان چىقىۋىلىش ۋەقەلىرىدە ھەر يىلى 138 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ۋە 400 مىڭ كىشىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىلان چىقىۋېلىش سەۋىبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئادەم ئۆلۈش ۋەقىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ھىندىستاندا يۈز بېرىدىكەن.
ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ھىندىستاندا كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبى، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ئىكەن.