كانادادا پارتلاش يۈز بەردى

كانادانىڭ مىسسىسسائۇگا شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئۈچى ئېغىر 15 كىشى يارىلاندى.

978992
كانادادا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېستوراندا بومبا پارتلىغاندىن كېيىن ئىككى گۇماندار قېچىپ كەتكەن. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بۇ ئىككى گۇماندارنىڭ رەسىملىرىنى تارقاتقان ھەمدە ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن خەلقتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن ئاي كانادانىڭ توروونتو شەھەر مەركىزىدە بىر ئاپتوموبىلنىڭ پىيادىلەرنى باستۇرۇشى نەتىجىسىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر