رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ئېمبارگولارغا قارشى قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۆلەت دۇماسى رۇسىيە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارغا قارشى تەدبىر ئېلىشنى تەكلىپ قلغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

976574
رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ئېمبارگولارغا قارشى قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت دۇماسىدا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان ئېمبارگولىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىمكانى بەرگەن قانۇن تەكلىپى قوبۇل قىلىندى.

پارلامېنتنىڭ ئۈچىنچى قېتىلىق يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن لايىھەسى بويىچە، ھۆكۈمەت ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان ئېمبارگولىرىغا قارشى تەدبىر ئالالايدۇ.

قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، بەزى ساھەلەردە خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارغا چەكلىمە كەلتۈرۈلىدىكەن ياكى توختىتىپ قويۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مال ۋە خام ماددا ئىمپورتى ياكى ئېكسپورتىغا، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋە ھۆددىگە بېرىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى چەكلىنىدىكەن.

ئامېرىكا رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالغاندىن كېيىن، رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۇماغا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسى، ئومۇمىي كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا 16 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بىراق، ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندا رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ زىيان كۆرۈش ئېھتىمالىغا قارشى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، بۇ ماددىلار ئالتىگە چۈشۈرۈلدى. لايىھەگە "ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋاللارغا قارىتا دۆلەت پىرېزىدېنتىغا تېزلىكتە قارار چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن" بىر ماددا كىرگۈزۈلدى.

قانۇن لايىھەسى پارلامېنتنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان فېدېراتسىيە كېڭىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تەستىقى بىلەن يولغا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر