شوتلاندىيەدە مۇستەقىللىق سادالىرى قايتىدىن ياڭراشقا باشلىدى

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى نىكولا ستۇرجېن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

975779
شوتلاندىيەدە مۇستەقىللىق سادالىرى قايتىدىن ياڭراشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ستۇرجېن شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىش رېفېراندۇمىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا پەيدا قىلىدىغان مەسىلىلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شوتلاندىيە باش مىنىستىرى ستۇرجېن بۇ ھەقتىكى قارارنى ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى ئېنىق بولغاندىن كېيىن بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا خەلقنىڭ %44 ى مۇستەقىللىقنى قوللىغان، %55 ى بولسا قارشى چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر