ئامېرىكا ئىككىنچى فلوتىنى قايتا قۇرىدۇ

ئامېرىكا رۇسىيە تەھدىتىگە قارشى قۇرغان ۋە 2011-يىلى ئەمەلدىن قادۇرۇشتىن بۇرۇن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككىنچى دېڭىز فلوتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

966180
ئامېرىكا ئىككىنچى فلوتىنى قايتا قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىككىنچى فلوت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى گېنېرال جون رىچاردسوننىڭ ۋىرجىنىيەدىكى ئامېرىكا دېڭىز فلوتلىرى قوماندانلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، ئىككىنچى فلوتنىڭ قايتا قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

"ئىككىنچى فلوت ئامېرىكانىڭ شەرقىي ساھىلى ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پاراخوت، ئايروپىلان ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ئۈستىدىن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ."

باياناتتا، ئىككىنچى فلوتنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان دۇنياۋى ۋەقەلەرنى كونترول قىلىش، دېڭىزدا ھەربىي ھەرىكەت ئىجرا قىلىش ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى تەربىيەلەشتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، گېنېرال رىچاردسوننىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى:

"مىللىي مۇداپىئە رايونى ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇشى شۇنداقلا ناھايىتى قىيىن ھالغا كېلىشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ قايتا چوڭ كۈچ رىقابىتى دەۋرىگە كىرگەنلىكىمىزنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا، بۈگۈن بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىكتىكى ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىككىنچى فلوتنى قايتا قۇرىمىز."

1950-يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى دېڭىز فلوتى رۇسىيەنىڭ يوشۇرۇن تەھدىتىنىڭ ئازايغانلىقى سەۋەب قىلىنىپ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن 2011-يىلى 30-سېنتەبىر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر