گوللاندىيەدە مۇنەۋۋەر تۈركلەر مۇكاپاتلاندى

گوللاندىيەدە 4 – نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇكاپاتلار ئۆز ئىگىلىرىگە تارقىتىپ بېرىلدى.

965463
گوللاندىيەدە مۇنەۋۋەر تۈركلەر مۇكاپاتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تۈرك سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن 4نۆۋەتلىكۇ «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخىسلىرى مۇكاپاتلىرى» مۇراسىمى نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيەنىڭ كاپېلە ئان دېن ئىجسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، «يىلنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى مۇكاپىتى»غا ھۇسەيىن شەن، «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر كۈلتۈر سەنئەتچىسى مۇكاپاتى»غا ناخشىچى ئايلىن سېزېر، «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە ماھىرى مۇكاپاتى»غا خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلىكىنىڭ كۆك كارتلىق رېپىرى سەردار گۆزىبۈيۈك  ۋە «يىلنىڭ مۇنەۋۋەر ياش ئىجادىيەتچىسى مۇكاپاتى»غا نىلگۈن شاھىن لايىق كۆرۈلدى.

مۇراسىمدا ئامىستېردام تۈرك خەلق مۇزىكا ئەترىتى كونسېرت بەردى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر