ئىراق سۈرىيەدىكى دائېشقا تەۋە جايلارنى بومباردىمان قىلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
964916
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق ھاۋا ئارمىيەسى قەھرىمانلىرى، باش مىنىستىر ھەيدەر ئىبادىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، سۈرىيەنىڭ دائېش كاتتىباشلىرى تۇرۇۋاتقان ئەددىشىشە رايونىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ سۈرىيەدىكى دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى.