دائېش ئىراقتا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلدى

ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تارىمىييە ناھىيەسىنىڭ مەركىزىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئەزالىرى پىيادىلەرنى ئوققا تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

962173
دائېش ئىراقتا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدىكى تارىمىييە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا، ئىككى ساقچى بولۇپ جەمئىي سەككىز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.

تارىمىييە ناھىيەسىنىڭ دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ناھىيەدە دائېش تېررورىستلىرى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلغان.

باغداد ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى دائېش تېررورىستلىرىنىڭ تارىمىييە ناھىيە مەركىزىدە، پىيادىلەرگە قارىتىپ قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

باغداد ھۆكۈمىتى 2017-يىلى دېكابىردا دۆلەت تۇپراقلىرىنىڭ دائېشتىن تازىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوشۇرۇنغان ھۈجەيرىلىرى پات-پات قوراللىق ھۇجۇملارنى پەيدا قىلماقتا



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر