مايك پومپېيو تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومېيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلىدى.

960576
مايك پومپېيو تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلىدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىياد بولدى.

ئايرودۇرۇمدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەبدېشى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان پومپېيو پادىشاھ سەلمان ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مايك پوميېيو ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيەنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىغان پومپېيونىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2015-يىلى ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادور كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر