جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان ۋە جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولىدۇ.

958531
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان ۋە جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 29 – ئاپرېلدىن 1 – مايغىچە ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشلاردا، ئۆزبېكىستان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن، ھەمدە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاشكەنت پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئاۋۋال ئۆزبېكىستان ئالىي پارلامېنتىغا خىتاب قىلىدىكەن، ئاندىن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن بىرلىكتە تۈرك ۋە ئۆزبېك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. 1 – ماي كۈنى تۈرك – ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ  قەدىمىي شەھەرلىرىدىن ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلار دىيارى بۇخارادا زىيارەتتە بولىدىكەن.

ئەردوغان 2 – 3 – ماي كۈنلىرى جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. ئۇچرىشىشلاردا، جەنۇبىي كورېيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جەنۇبىي كورېيە مىللىي مەجلىسىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقى، جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت باشلىقى چۇڭ سىكيۇن بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقى، ھەمدە جەنۇبىي كورېيە كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «كورېىيە يېرىم ئارىلىدا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتقان مۇھىم بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ باسقۇچتا جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ نامايەن قىلىۋاتقان سىياسىي ئىرادىسى، تەرەپلەر ئارا دىيالوگ ئورنىتىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش زېمىنىنىڭ ھازىرلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. تۈركىيە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن تارىخىي دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، كورېىيە يېرىم ئارىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلارنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ قارىماقتا، ھەمدە كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قىزغىن قوللىماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر