كانادادا «ئاپتوموبىللىق» ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى
كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە «ئاپتوموبىللىق» ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 9 ئادەم ئۆلدى.
957314
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە بىر كىشى ماشىنىسىنى پىيادىلەر ئارىسىغا ھەيدەپ 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
شەھەر مەركىزىدە پىيادىلەر كۆپ بولغان يوڭگې كوچىسى بىلەن فىنچ يولى تۇتاشقان جايدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە 16 ئادەم يارىلاندى.
تورونتو ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى مېگان گىرېي ئاپتوموبىل ھەيدىگەن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گىرېي يەرلىك ۋاقىت سائەت 13:30دا مەيدانغا كەلگەن ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇردى.
رايوندا بەزى يوللار قاتناشقا توسۇۋېتىلگەندىن تاشقىرى مېترو سەپەرلىرىمۇ ۋاقىتلىق توختىتىۋېتىلدى.