فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 23 – ئاپرېلدىن 26 – ئاپرېلغىچە ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولىدۇ.

956929
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

سۈرىيەدە بۇنىڭدىن كېيىنكى يول خەرىتىسى ۋە ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ماكروننىڭ زىيارىتىنىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولىدۇ.

ماكرون زىيارەتتىن ئىلگىرى ئامېرىكنىڭ «Fox News» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ماكرون سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنمەسلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «بۇ مەيداننى ئىرانغا ۋە سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە تاشلاپ بەرگەنلىك بولىدۇ» دېدى.

دائېش يېڭىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلارنىڭ سۈرىيەنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ترامپنى ئىران بىلەن 2015 يىلى خەلقئارا جامائەتچىلىك تۈزگەن يادرو كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرماسللىققا قايىل قىلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دونالد ترامپ ئىراننىڭ ياردو پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىشنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ يادرو پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن 2025يىلىدىن 2030 يىلغىچە بولغان مۇددەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

زىيارەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن يولغا قويماقچى بولغان ئاليومىن ۋە پولات تۆمۈر ئېمپورت بېجىنى توسۇپ قىلىش بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر