خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر مەركەزگە قاراشلىق بولدى

خىتايدا دۆلەتكە ئائىت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى «خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى» رامكىسى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

955739
خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر مەركەزگە قاراشلىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، دۆلەتلىك رادىيو ئىستانسىسى ۋە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىدىن تەشكىل تاپقان  «خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇراسىمغا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭمۇ ئىشتىراك قىلغان.

خۇاڭ مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى» نىڭ جامائەتچىلىككە تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەشتە كۈچلۈك مەركەز بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە «خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى» نىڭ توغرا سىياسەتنى يولغا قويۇشى ۋە خەلقنى توغرا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «مەتبۇئاتلاردا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر