بېلۇجىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىران چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبى (پاكىستان چېگراسى) غا جايلاشقان سىستان – بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مىرجاۋە ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

953114
بېلۇجىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىران چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبى (پاكىستان چېگراسى) غا جايلاشقان سىستان – بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مىرجاۋە ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى؛ ۋەقەدە، 3 خەۋپسىزلىك خادىمى بىلەن 3 ھۇجۇمچى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى قۇددۇس قارارگاھى بايانات ئېلان قىلىپ ، بۈگۈن سەھەردە بىر تۈركۈم كىشىلەر پاكىستان تەرەپتىن چېگرانىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى بىر چېگرا مۇداپىئە كۆزىتىش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بىر چېگرا مۇھاپىزەتچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن توقۇنۇش رايونىغا قاراپ يولغا چىققان ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىر ئاپتوموبىلىنىڭ يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىناغا سوقۇلۇپ كېتىپ 2 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ، 2 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇمچىلارنىڭ قايسى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئورۇن بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر