ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس كالىفورنىيە ۋە نېۋادا ئىشتاتلىرىدا قىلىدىغان زىيارەتلىرىنى كېچىكتۈردى.

948755
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ باياناتچىسى مىڭبېشى شېرىل كلىنكېل مىنىستىر ماتتىسنىڭ جۈمە (13-ئاپرېل) نېۋادا ئىشتاتىدا، ھەپتە ئاخىرىدا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدە قىلماقچى بولغان زىيارەتلىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى شېرىل كلىنكېل مىنىستىر ماتتىسنىڭ پەيشەنبە (12-ئاپرېل) كۈنى نىيۇ يوركتا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پىيادىلەر قىسمى ۋەخپىسى ئۆتكۈزىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى شېرىل كلىنكېل مىنىستىر ماتتىسنىڭ زىيارىتىنىڭ، ئامېرىكانىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئېھتىمالى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان ياكى بىكار قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنىڭ زىيارەت پىلانىنى كېچىكتۈرگەنلىكى خەۋىرىنىڭ، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى بىكار قىلىشىدىن كېيىنلا يېتىپ كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئاقساراي پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇرۇن پىلان قىلىنغان لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى بىكار قىلىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر