پېنتاگون ھەربىي جاۋاب يوللىرىنى ترامپقا سۇنىدۇ

پېنتاگون پىرېزىدېنت ترامپقا، شەنبە (7-ئاپرېل) كۈنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دۇما ناھىيەسىگە قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ھەربىي تاللاش يوللىرىنى سۇنىدۇ.

947988
پېنتاگون ھەربىي جاۋاب يوللىرىنى ترامپقا سۇنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە قوماندانلىق باش ئىشتابى باياناتچىسى پاترىك رايدېر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇمىغا ھەربىي جەھەتتىن جاۋاب قايتۇرۇش ھەققىدىكى سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك ھۇجۇمىغا قانداق قارايدىغانلىقى ۋە «ھەربىي جەھەتتىن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى كېرەك ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «بىز تېلېۋىزورلاردا كۆرگەن ئۇ كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى قورقۇنچ، ھەربىي تاللاش قەتئىيلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغان يولدۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك بولسا، بۇنىڭ قايسى تاللاشلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەيمەن، ۋەزىپىمىز پىرېزىدېنتقا تاللاشلارنى سۇنۇش. بىز يوشۇرۇن ھەربىي تاللاش يوللىرىغا قارايمىز ۋە ئۇلارنى پىرېزىدېنتقا سۇنىمىز.»

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىمۇ ئاقسارايدىكى مىللىي خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت ۋاشىنگتوندا توپلاندى. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ كابېنت يىغىنى جەريانىدا 78 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە مۇھىم قارار چىقىرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىشى، ئامېرىكانىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، ئامېرىكانىڭ مۇنداق ھۇجۇمنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر