ترامپ ئىراق باش مىنىستىرى ئەلئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلدى.

947177
ترامپ ئىراق باش مىنىستىرى ئەلئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ترامپ بىلەن ئەلئىبادىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ئەلئىبادى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە دەمەشىق ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خىمىيەلىك ھۇجۇمنى مۇزاكىرە قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىراق باش مىنىستىرى ئەلئىبادىنىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكانىڭ قەتئىيلىك بىلەن قىلغان ياردىمى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىككى رەھبەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە رايوندىكى باشقا تەھدىتلەرگە قارشى بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئېھتىياجى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.»

باياناتتا، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن باش مىنىستىر ئەلئىبادىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان سايلاملاردىن بۇرۇن، ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 7-ئاپرېل (شەنبە) كەچ تەرەپلەردە قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەدىكى ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىۋاتقان ئاخىرقى نۇقتا ھېسابلىنىدىغان دۇما ناھىيەسىگە خىمىيەلىك قوراللەر بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە 78 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يۈزلەرچە ئادەم يارىلانغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ: «پىرېزىدېنت پۇتىن، رۇسىيە ۋە ئىران بەششار ئەسەد ھايۋاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكاردۇر، چوڭ بەدەل تۆلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كېڭەشنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىرى بولغان بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ تەلىپى بىلەن، بۈگۈن (9-ئاپرېل) شەرقىي غۇتەدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىش قارارى چىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر