نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ قولىدىن نۇرغۇن پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىندى

نىگېرىيەدە «تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ قەلئەسى» دەپ بىلىنىدىغان «سامبىسا ئورمانلىقى» دا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 149 پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىندى.

947562
نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ قولىدىن نۇرغۇن پۇقرا قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نىگېرىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى «سامبىسا ئورمانلىقى» دا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

نىگېرىيە ئارمىيەسى مۇئاۋىن باياناتچىسى پولكوۋنىك ئونيېئاما نۋاچۇكۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 54 ئايال بىلەن 95 بالا قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئاندىن ئۇلار دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان، تەشكىلاتنىڭ ئوق – دورىلىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر