بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ تەرەپدارلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.

945847
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم نىشانى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا كېڭىشى بىناسى ئىدى.

ياۋروپا كېڭىشىگە قاراشلىق نۇرغۇن ئورگانلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان كېڭەشنىڭ قوشۇمچە بىناسى ئاگوراغا بېسىپ كىرگەن 30 دەك بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچلۈك ۋە ماگنىتلىق كىملىك كارتى بولمىسا ئۆتكىلى بولمايدىغان توسۇقلاردىن ئۆتەلىشى ۋە فىرانسىيەنىڭ ساقچىلىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ تەرەپدارلىرىغا كېچىكىپ مۇداخىلە قىلىشى دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار كېيىنچە بىنانىڭ دەرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن تېررورچىلارنىڭ تەرەپدارلىرىنى تارقىتىۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر