ئامېرىكا فەتھۇللاھچىلارنىڭ رۇسىيە باش ئەلچىسىگە سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكچى

ئەنقەرە 2 – مۇرەسلەشتۈرۈش ۋە جازالاش سوت مەھكىمىسى رۇسىيە باش ئەلچىسىگە سۇيىقەست قىلىش جىنايىتى ھەققىدە ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش مۇپەتتىشلىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن فەتھۇللاھ گۇلەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى ھەققىدە تۈنۈگۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

943176
ئامېرىكا فەتھۇللاھچىلارنىڭ رۇسىيە باش ئەلچىسىگە سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋغا سۇيىقەست قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۈلەنگە مۇناسۋەتلىك قارارىنى تۈركىيەدىن كېلىدىغان ھۆججەتلەرنى كۆزدىن كەچەرگەندىن كېيىن ئاندىن ماقۇللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» نىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېكول ناۋاس ئوكىسماننىڭ مەسىلە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئوكىسمان «بۇ مەسلىسىگە دائىر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەمىنلەيدىغان بارلىق ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز. گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئالاقىدار بىرەر قارار ماقۇللاشتا، ئەمەلىيەتلەرگە ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئىش قىلىمىز» دېگەن ھەمدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ 2016يىلى 19دېكابىردا سۇيىقەستكە ئۇچرىشىشىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۈلەن بىلەن جىنايەتنى سادىر قىلغۇچى مەۋلۈت مېرت ئالتىنتاشقىچە بولغان مۇناسۋەت زەنجىرى ئېنىقلاپ چىقىلغان ئىدى. 

ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى مۇپەتتىشى ئادەم ئاكىنچى ئەنقەرە 2مۇرەسلەشتۈرۈش ۋە جازالاش سوت مەھكمىسى تەرىپىدىن فەتھۇللاھ گۇلەن، شەرىف ئەلى تەكالان، جەمال كاراتا، جەنگېز ئۆزكان، ئەمرۇللاھ ئۇسلۇ، ھەمزە سەۋىنچ، مۇرات توقاي ۋە تەمەل ئالسانجاق ھەققىدە ئۇلارنىڭ يوق يېرىدە قارار چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

ئەنقەرە 2مۇرەسلەشتۈرۈش ۋە جازالاش سوت مەھكىمىسى ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش مۇپەتتىشلىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن فەتھۇللاھ گۇلەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى ھەققىدە تۈنۈگۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ۋە «ئاساسىي قانۇن ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە پىلانلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن جىنايەتچىلەرنى يوق يېرىدە ئەيىبلىگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر