شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باكۇ ۋە موسكۋادا زىيارەتتە بولىدۇ

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ خو، خىتاي، ئەزەربەيجان ۋە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

943309
شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باكۇ ۋە موسكۋادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ خو، خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا بارىدۇ.

رى يوڭ خو باكۇدا چاقىرىلىدىغان «ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى» نىڭ مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ، ئەزەربەيجاندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

پيوڭياڭ ھازىرغىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى توغرىسىدا بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىگە دائىر تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر