ب د ت غەززەدىكى ۋەقەدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززدە زوراۋنلىق ۋەقەلىرى سادىر قىلىشىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى.

941448
ب د ت غەززەدىكى ۋەقەدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەدە پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىپ 15 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ 500دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرۇشىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى بۇ زوراۋانلىق قىلمىشى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن يىغىن چاقىردى.

يىغىندا غەززدە زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «غەززەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارىتا باش كاتىپىمىز بىتەرەپ تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداقلا پەلەستىندە تىنچلىق بەرپا قىلىش مۇزاكىرىلىرىنى قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى دېدى.»

ئەپسۇس يىغىندا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولمىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ۋەكىللىرى يەھۇدىيلارنىڭ ھامۇرسۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىندا «غەززەدە قەتلىئام ئېلىپ بېرىلدى»دېگەن پەلەستىن ۋەكىلى رىياد مەنسۇر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار چىقىرىلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

مەنسۇر مۇنداق دېدى: «ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەر ب د ت دىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قەتلىئامىنى توختىتىش، ئەيىبلەش ۋە جاۋابكارلارنى جازالاش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.»

مەنسۇر يەنە ئامېرىكىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ كېلىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىم، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولماسلىق كېرەك.»

بۇنىڭدىن سىرت، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، قاتار، كۇۋەيت ۋە مىسىرمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان زورۋانلىق قىلمىشىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر