پ ك ك پەرقلىق ناملار ئاستىدا سىنجاردىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاراشلىق ھەر خىل ناملار ئاستىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ سىنجاردا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

939846
پ ك ك پەرقلىق ناملار ئاستىدا سىنجاردىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەشمەرگە قوماندانلىرىدىن قاسىم شەشو، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاراشلىق ھەر خىل ناملار ئاستىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

قول ئاستىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە سىنجار ناھىيەسىگە يېقىن جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقان قاسىم شەشو، «پ ك ك غا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇپپىلار پەرقلىق ناملار ئاستىدا شەنگال (سىنجار) دا مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەشدۇششەئبى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ سىنجار ناھىيە مەركىزى ۋە سىنۇن بازىرىغا تەلتۈكۈس ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن شەشو، «بىراق، پ ك ك غا قاراشلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ شەنگالدىن چىقىپ كېتىدىغان – كەتمەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شەنگالدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ سانى مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، كۆپ سانلىقى رايوندىكى ئەزىدىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى يەھيا رەسۇل، يەكشەنبە كۈنى 15 – بىرېگاداغا قاراشلىق قىسىملارنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن سىنجار ناھىيەسى ۋە سىنۇن بازىرىغا بېرىپ، پ ك ك چېكىنگەن جايلارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، 2014 – يىلى 3 – ئاۋغۇستتا دائېشنىڭ سىجاردىكى ئەزىدىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى باھانە قىلىپ، رايوندا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر