تۈركىيە بىلەن قاتار قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن قاتار ئارمىيەسى 14 – 22 – مارت كۈنلىرى «ئارسلان ئىنى» ناملىق قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

938729
تۈركىيە بىلەن قاتار قوشما ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى
turkiye-katar tatbikat2.jpg
turkiye-katar tatbikat1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەنىۋى جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانىۋېرغا قاتار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەمىرلىك مۇھاپىزەتچىلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى، ئىچكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قاراشلىق قىسىملار بىلەن تۈركىيە قىسىملىرى قاتناشقان بولۇپ، مانىۋېرنىڭ نىشانى، قوماندانلىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش، ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش، ھەربىي كۈچلەر ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە پىلانلاش، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشقا قارشى  كۈرەش ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىنىڭ رولىنى يەنىمۇ تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئىكەن.

مانىۋېرغا قوماندانلىق قىلغان  بىرىگادا گېنېرالى جاسىم ئەھمەد ئەلمۇھەننىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېر قاتار ئارمىيەسىنىڭ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەربىي كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

تۈركىيە ئارمىيەسى، تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا 2014 – يىلى 19 – دېكابىر كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە قاتاردىكى «<تارىق بىن زىياد> ھەربىي بازىسى» غا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

تۈركىيە بىلەن قاتار ئاۋغۇست ئېيىدىمۇ قۇرۇقلۇق ھەم دېڭىز ئارمىيە بىرلەشمە مانىۋېرلىرى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر