ئامېرىكىدا يۈز مىڭلارچە ئادەم قورال چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە يۈز مىڭلارچە ئادەم قورال چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

936888
ئامېرىكىدا يۈز مىڭلارچە ئادەم قورال چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە يۈز مىڭلارچە ئادەم «ھاياتىمىز ئۈچۈن ماڭايلى»نامى ئاستىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا كۆپ قىسمى ئوقۇغۇچى بولۇپ يۈز مىڭلارچە ئادەم،  پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى بىلەن ئامېرىكا مەجلىسىدىن «قورالغا ئاسانلا ئىگە بولۇشنى چەكلەش»نى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىشتى.

ۋاشىنگىتوندىن سىرت نىيۇيورك، لوس ئانجېلىس، سان فىرانسىسكو ۋە چىكاگوغا ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىمۇ  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىدىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ لوبىسى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلىك قورال-ياراغ ئۇيۇشمىسىغا قارشى شوئارلار توۋلاشقان نامايىشچىلار «بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي بولمىسۇن، نۆۋەت ماڭا كەلدىمۇ؟، كېلەچەكنىڭ ئەۋلادلىرىمىز بىراق ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتىمىز»دېگەن مەزمۇندا خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

نامايىشلاردا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم بولۇپ ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا جېنىدىن ئايرىلغان قۇربانلارمۇ ياد ئېتىلدى.

نامايىشچىلار ساقچىلار بېكىتىپ بەرگەن جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ باردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاق سارايمۇ بۇ نامايىشلارنى قوللاپ بايانات ئېلان  قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «قورقماس ئامېرىكىلىق ياشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ نامايىش قىلىشىنى قوللايمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا نىسبەتەن ياشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ترامپنىڭ دۆلەت مەجلىسىنى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قانۇنلۇق بولغان قوراللارنى قانۇنسىز قورال ۋە مىلتىق ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە قارىتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى قوراللارنىڭ بەزى قىسىملىرىنى سېتىشنىڭ چەكلىنىشى قارار قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر