ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەدە نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە تەرەپدارلىرى، پايتەخت دەمەشقنىڭ ئۆز مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىنىڭ ئەربىن بازىرىدىكى بىر پاناھلىنىش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ، 37 پۇقرانىڭ كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

936093
ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەدە نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ،  ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ ئەربىن بازىرىدا پۇقرالار يوشۇرۇنۇپ يېتىۋاتقان بىر پاناھلىنىش ئورنىغا كۆيدۈرگۈچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە «ناپالم» بومبىسى تاشلىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، كۆپ سانلىقى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 37 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن رايوندىكى پۇقرالاردىن پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن سىرتقا چىقالمايدۇ.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە تەرەپدارلىرى، شەرقىي غۇتەنى تەلتۈكۈس قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە 19 – فېۋرالدىن باشلاپ ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان، 3 – مارتتا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى باشلىغانىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدىكى 400 مىڭ ئادەم 5 يىلدىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدا ياشىماقتا ئىدى. ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى بەزى جايلارنى قولغا كىرگۈزۈشى بىلەن ئون مىڭلارچە كىشى ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا كۆچكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

 شەرقىي غۇتە ئۆتكەن يىلى چاقىرىلغان ئاستانا كېلىشىمىدە «جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈش رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، موسكۋا دائىرىلىرىنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان رۇس ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى سايىسىدا ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر