ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەگە ئاخبارات جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەگە ئاخبارات جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

931364
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەگە ئاخبارات جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى ئىشلەتكەن سابىق رۇس جاسۇس سېرگېي سىكرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزى يۇلىيانىڭ 4 – ماي كۈنى ئەنگلىيەنىڭ سالىسبۇرى شەھىرىدە نېرۋا زەھەرلىك گازى بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن «سوغۇق ئۇرۇش» مۇھىتى شەكىللەندۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ 2016 – يىلقى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە ئورگانلىرىغا ۋە پۇقرالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاشىنگتون ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن تاشقى ئاخبارات ئورگىنىدىكى بەزى خادىملارنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيەدىن 5 ئورگان بىلەن 19 كىشى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن تاشقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ رەقىبلىرىگە ئېمبارگولار ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش قانۇنى دائىرىسىدە «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىق «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە ئىلگىرىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بەزى خادىملىرى بىلەن تاشقى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئىگور كوروبوۋ قاتارلىق ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، مەركىزى سېينت پېتېرسبۇرگدىكى ئىنتېرنېت تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ بەزى خادىملىرىمۇ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە يەنە، ئىنتېرنېت تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن رۇس كارخانىچى يېۋگېنى پرىگوجىن ۋە ئۇنىڭ قول ئىلكىدىكى « Concord Catering » ۋە « Concord Management »  شىركەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قارارى، ترامپنىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرىزې مېي، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن سىكرىپال ۋەقەسى ئۈستىدىن رۇسىيە «ئەنگلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن قارارنامىنى ئورتاق ئىمزالىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش دولقۇنىنى، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە رۇسىيەگە قايتۇرغان ئەڭ مۇھىم ئىنكاسى» دەپ قارىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر