ئەسەد ۋە چوماقچىلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە چوماقچىلىرىنىڭ 5 يىلدىن بۇيان مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەگە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

930343
ئەسەد ۋە چوماقچىلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي غۇتەدىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ بۈگۈن كېچە مۇھاسىرە ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ ھاممۇرىييە بازىرىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا تەركىبىدە خىلور گازى بولغان خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پۇقراۋى قوغدىنىش خادىملىرى، ھۇجۇمدا كۆپ ساندا ئايال ۋە بالىلارنىڭ گازدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە  ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ۋە چوماقچىلىرىنىڭ رايونغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىشى، يوللارنىڭ توسۇقلۇق بولۇشى يۈزىسىدىن گازدىن زەھەرلەنگەن پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ۋە سانىنىڭ تېخىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈلەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

12 – مارتتا شەرقىي غۇتەنى 3 بۆلەككە ئايرىغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى، جەنۇب تەرەپكە جايلاشقان ھاممۇرىييە بازىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، 7 – مارتتا ئاھالىلەر رايونلىرىغا زەھەرلىك گاز ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانىدى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە چوماقچىلىرى رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا 19 – فېۋرالدىن باشلاپ رايونغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلماقتا.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىغا رىئايە قىلمىغان ھاكىمىيەت كۈچلىرى 3 – مارتتا شەرقىي غۇتەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىغانىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 24-فېۋرالدىكى قارارىدا، شەرقىي غۇتەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە مىقياسىدا پۇقرالارنى نەزەردە تۇتۇپ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، «كېچىكمەستىن» دەرھال ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى ئېنىقسىز ھالەتتە قالغان ئىدى.

رۇسىيە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىدىن كېيىن، 27-فېۋرال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 كېچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 13:00 تىن 18:00 گىچە ) كۈچكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر